رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى پەيشەنبە كۈنى كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە خەلقئارا پۇل تۆلەشتە ئىشلىتىشكە بولىدىغان رەقەملىك رۇبلىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغانلىقىنى ۋە رۇسىيەدە تارقىتىلغان كىرىدىت كارتىسىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
غەربنىڭ جازا تەدبىرلىرى رۇسىيەنى دۇنيا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ كۆپ قىسمىدىن ئۈزۈۋەتكەن بىر پەيتتە، موسكۋا ئاكتىپ ھالدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇھىم پۇل تۆلەشنىڭ باشقا يوللىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ.
رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى كېلەر يىلى رەقەملىك رۇبلى سودىسىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، مەركىزىي بانكىنىڭ باشلىقى ئېلۋىرا نابىئۇللىنانىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ رەقەملىك پۇل بىر قىسىم خەلقئارالىق سودا پائالىيەتلىرىدە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.
«رەقەملىك رۇبلى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى،» دېدى نابىئۇللىنا خانىم دۆلەت دۇماسىدا. «بىز تېزلا ئۈلگە بولىمىز... ھازىر بىز بانكىلار بىلەن سىناق قىلىۋاتىمىز ۋە كېلەر يىلى سىناق كېلىشىملىرىنى ئاستا-ئاستا يولغا قويىمىز».
دۇنيادىكى باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاش، رۇسىيە ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، پۇل تۆلەشنى تېزلىتىش ۋە بىتكوين قاتارلىق كىرىپتو پۇللارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋپ-خەتەرلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن رەقەملىك پۇللارنى تەرەققىي قىلدۇردى.
بەزى مەركىزىي بانكا مۇتەخەسسىسلىرى يەنە بۇ يېڭى تېخنىكا دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن تېخىمۇ بىۋاسىتە سودا قىلالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن SWIFT قاتارلىق غەرب كونتروللۇقىدىكى پۇل تۆلەش يوللىرىغا تايىنىشنى ئازايتىدۇ، دەيدۇ.
MIR كارتىسىنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتىش
نابىئۇللىنا يەنە رۇسىيەنىڭ رۇسىيە MIR كارتىسىنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتتى. MIR بولسا Visa ۋە Mastercard نىڭ رەقىبى بولۇپ، ئۇلار ھازىر باشقا غەرب شىركەتلىرىگە قوشۇلۇپ رۇسىيەدىكى جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى ۋە تىجارىتىنى توختىتىۋەتتى.
ئۇكرائىنا بىلەن توقۇنۇش پارتلىغاندىن بۇيان، غەربنىڭ يولغا قويغان جازاسى سەۋەبىدىن رۇسىيە بانكىلىرى دۇنيا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، رۇسىيەلىكلەرنىڭ چەتئەللەردە پۇل تۆلەشنىڭ بىردىنبىر تاللىشى MIR كارتىسى ۋە China UnionPay بولدى.
ئامېرىكا پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازا تەدبىرلىرى ھەتتا تۇنجى قېتىم رۇسىيەنىڭ تور پۇل قېزىش كەسپىگىمۇ زەربە بەردى.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىرىپتو پۇل ئالماشتۇرۇش مەركىزى بولغان Binance، رۇسىيە پۇقرالىرى ۋە ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق شىركەتلەرنىڭ 10 مىڭ ياۋرودىن ئارتۇق قىممىتىدىكى ھېساباتلىرىنى توڭلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئەھۋالغا ئۇچرىغانلار يەنىلا پۇلىنى قايتۇرۇۋالالايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەمدى يېڭى ئامانەت قويۇش ياكى سودا قىلىش ھوقۇقى چەكلىنىدۇ، Binance نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەرىكەت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىغا ماس كېلىدۇ.
نابىئۇلىنا رۇسىيە دۇماسىدىكى سۆزىدە مۇنداق دېدى: «روسىيە كۆپ قىسىم پۇل-مۇئامىلە بازارلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، ھەمدە بارلىق ساھەلەردە ئۆزىنى ئايرىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىز يەنىلا ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك».
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2022-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى
